当前位置:首页>农业>今年新疆春季农业生产这么干

今年新疆春季农业生产这么干

  • 2026-10-11 02:28:31
今年新疆春季农业生产这么干

بۇ يىل شىنجاڭدا ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى مۇنداق ئېلىپ بېرىلىدۇ

 بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم.

 يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنىدا، مەۋقە مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇلۇپ، «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇش» تەرەققىيات پىكىر يولى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 شىنجاڭ بويىچە 2026 - يىللىق ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى، ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، تەدبىرلەر بېكىتىلدى، مۇھىم نۇقتىلار بەلگىلەندى.

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز

مەنبە : تىيانشان تورى
 تەھرىر : شىرئېلى زىيا
 تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نۇرىمانگۈل نۇرغۇجى  
نازارەتچى : ئابباس قۇزى  
 ئېلخەت: aksu2008@163.com 

最新文章

随机文章